چاۋۇشئوغلۇ سېربىيەگە كەتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سېربىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكولا سېلاكوۋىچنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتكە كەتتى.

1700089
چاۋۇشئوغلۇ سېربىيەگە كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئۇدا 2 كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، كەسپداشلىرى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئالدى بىلەن، سېربىيەدىكى كارخانىچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان چاۋۇشئوغلۇ، كېيىنچە سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇچىچ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، سېربىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېلاكوۋىچ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.

پايتەخت بېلگرادتا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن قالغان «بايراقلى جامەسى» نى زىيارەت قىلىدىغان چاۋۇشئوغلۇ، يېڭى بازاردىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىشىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر