ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد جەيمىس ئاستىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1698738
ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15 – ئاۋغۇست كۈنى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى تالىبانغا ئۆتۈپ كەتكەن ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى مىنىستىر، بۇ دۆلەتتىن تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلەشكەن.

ئاقار، ئافغانىستاندا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئاستىنغا تەزىيە بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر