تۈركىيە كابۇلدىكى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ھامىد كارزائى ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1698148
تۈركىيە كابۇلدىكى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «كابۇلدا يۈز بەرگەن بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز؛ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاندىكى قىسمىمىز ھېچقانداق تالاپەت ھەم زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىمىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر