ئاقار: تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش باسقۇچىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملايمىز

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1697661
ئاقار: تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش باسقۇچىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ئافغانىستاندا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلغان شان – شەرەپلىك تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كابۇل ئايرودۇرۇمىدىكى پەۋقۇلئاددە زىچلىق ۋە شەرت - شارائىتلارغا قارىماي، تۈركىيە قوراللىق قىسىم خادىملىرى پىلاننىڭ نۇقسانسىز ۋە تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە،  پائالىيەتلىرىمىزنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، دوست ۋە قېرىنداش  پاكىستان ۋە تاجىكىستانغا، ھەمدە بىز رايوندا  ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز،  پائالىيەتلىرىمىز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن ماس قەدەمدە، مەۋجۇت پىلانلىرىمىز دائىرىسىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر