تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ۋېنېزۇئېلانىڭ مېرىدا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1697445
تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ،  ۋېنېزۇئېلانىڭ غەربىدىكى مېرىدا ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «دوست دۆلەت ۋېنېزۇئېلا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە، ھەمدە سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر