كوجا: تۈركىيە ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىدە دۇنيا بويىچە 7 - ئورۇندا تۇرىدۇ

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىدە دۇنيا بويىچە 7 – ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1696916
كوجا: تۈركىيە ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىدە دۇنيا بويىچە 7 - ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، مۇنداق دېدى: «ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىدە شېشە سانى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 7 – ئورۇندا تۇرىمىز، نوپۇسى تۈركىيە بىلەن ئوخشاش بولغان ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى گېرمانىيە 6 – ئورۇندا تۇرىدۇ، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسلۇق ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى خىتاي 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ، نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ھەرىكەت قىلالمىدى ۋە ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرەلمىدى،ئۇلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر