مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا رەھمەت ئېيتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوس مانۇئېل ئالبارىسنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى قوللاپ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

1696060
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن جوس مانۇئېل ئالبارىس تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تېلېفون سۆھبىتىدە مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە ئىسپانىيەنىڭ ئايروپىلان ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەسسە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

سۆھبەتتە يەنە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر