چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كرېمىلنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدۇق ۋە ئىزچىل ھالدا ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز» دېدى.

1695814
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىرىم مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن مۇھىم بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كرېمىلنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدۇق ۋە ئىزچىل ھالدا ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. بۇنى سۆزلەپ قويۇش يەتمەيدۇ. قىرىم ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغان باشقا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن كۈنتەرتىپكە قويۇپ، قوللىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. مۇنبەرنىڭ قىرىم ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى. مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز. ئۆكتەبىردە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يىغىنىنى قەدىرلىك دوستۇم ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترى كۇلېبا بىلەن ئكتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۇكرائىناغا بارىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر