چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان ۋە سىرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى ۋە سىرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گامىنى لاكشمان پېيرىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1695023
چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان ۋە سىرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى بىلەن ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، چاۋۇشئوغلۇ، ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە قايتماقچى بولغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن قۇرەيشىغا رەھمەت ئېيتقان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چاۋۇشئوغلۇ سىرىلانكانىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن گامىنى لاكشمان پېيرىسقا تېلېفون قىلىپ، تەبرىك ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر