قايىل قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەسلىم بولغانلار سانى 129 غا يەتتى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىلار سانى 129 غا يەتتى.
1694416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىدە يىمىرىلىش داۋاملاشماقتا.
قايىل قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن، 2021 – يىلى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 129 غا يەتتى.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىنىڭ، 2016 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.