چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستاندا قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1693838
چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستاندا قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرە مۇخبىرلارنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى تۈرك پۇقرالىرى بىلەن تېلېفوندا بىر-بىرلەپ ئالاقىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، قايتىشنى تەلەپ قىلغان پۇقرالارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئەنقەرەنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگىمۇ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «نۇرغۇن دۆلەتلەر بىزگە ئىلتىماس قىلماقتا، بىز تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئەسكەرلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ «تالىبانلار بىلەن ئالاقە قانداق ئورنىتىلىدۇ، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتۈڭلارمۇ؟» دېگەن سوئالغا، «ئۇلار كابۇلغا كىرىشتىن بۇرۇن تالىباننىڭ سىياسىي قانىتىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلغانىدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن بىر تېلېۋىزىيە سۆھبەت پىروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ ئوخشىمىغان يوللاردىن ئالاقىمىز بار، مەيلى كابۇل، مەيلى دوھا ئارقىلىق بولسۇن ئالاقە قىلىۋاتىمىز، ئالاقە بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەت تەشكىللەش تىرىشچانلىقى ۋە تەشكىللىنىدىغان ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقىنى كۆرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ مەسىلىگە بىلدۈرۈلىدىغان پوزىتسىيە ۋە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىلىدىغان باياناتلارنىڭ ئوخشاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ: «ئۇلار <سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت قۇرىمىز> دەۋاتىدۇ. بىز (ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ) ھەقىقىي مەنىدە سىغدۇرۇشچان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. ئېلان قىلىدىغان باياناتلىرىمىزمۇ، تاشلايدىغان قەدەملىرىمىزمۇ ماسلاشتۇرۇلىدۇ. جۈمە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بار. خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ماس ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. نۆۋەتتە ئالدىن قارار چىقىرىش توغرا ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر