ئاقار لىۋىيە باش ئىشتاب باشلىقىنى قوبۇل قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مۇھەممەد ئەلى ھەددادنى قوبۇل قىلدى.

1692992
ئاقار لىۋىيە باش ئىشتاب باشلىقىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، 15 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇداپىئە سائانىتى يەرمەنكىسى (IDEF’21) دائىرىسىدە، لىۋىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مۇھەممەد ئەلى ھەدداد بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مۇداپىئە ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئاقار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 500 يىللىق قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە چەت ئەل كۈچى ئەمەسلىكىنى، «لىۋىيە لىۋىيەلىكلەرگە ئائىتتۇر» ئېڭىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ھەققانىي داۋالىرىدا لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر