چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا، ئەزەربەيجان، دانىيە، قاتار، گېرمانىيە، دانىيە، گىرۇزىيە ۋە كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىلىرى ۋە ناتو باش كاتىپى بىلەن ئايرىم - ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1692287
چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدرۇرراھمان ئالسانى، كىرودىيە تاشقى ئىشلار  ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى گوردان گىرلىك رادمان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  جېپپې كوفود ۋە گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد زالكالىنانى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، ئافغانىستان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا 2020 – يىلى فېۋرالدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە، خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش باسقۇچى باشلانغانىدى.

كېلىشىم، چەت ئەل كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىقنى مەزمۇن قىلىدىغان بولۇپ، تالىبان، بىر تەرەپتىن، قاتاردا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 6-ئايدىن بۇيان شىددەتلىك ھۇجۇملار بىلەن ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن ۋىلايەتنىڭ مەركىزىنى تېزلىكتە قولغا چۈشۈردى.

ئالدىنقى كۈنى پايتەخت كابۇلنى قورشىۋالغان تالىبان، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشى ۋە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ پايتەختنى تەرك ئېتىشىدىن كېيىن، بۇ يەرنىمۇ  پۈتۈلەي كونترول ئاستىغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر