تۈركىيە گىرېتسىيەگە نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئەدىرنەدە تۈركىيە پۇقراسىنىڭ گىرېتسىيە تەرىپىدىن ئوق چىقىرىلىپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك گىرېتسىيەگە نوتا تاپشۇردى.

1683590
تۈركىيە گىرېتسىيەگە نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېگرا شەھىرى ئەدىرنەدە تۈنۈگۈن سائەت 19.20 ئەتراپىدا گىرېتسىيە تەرىپىدىن پۇقراچە كىيىنگەن كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن بىر تۈركىيە پۇقراسى قازا قىلغانىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گىرېتسىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋەقە توغرۇلۇق مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغان، ئۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نوتا تاپشۇرۇلغان، ھەمدە ئۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بۇ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈپ، نەتىجىسى ھەققىدە تۈركىيە تەرەپكە مەلۇمات بېرىلىشى، قاتىل ياكى قاتىللارنىڭ تۇتۇلۇپ، جازالاندۇرۇلۇشى، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تەكرارلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەسلىھەتچىگە، ۋەقەدە زىيانغا ئۇچرىغۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۆلەم تۆلىتىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر