تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇنىس ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇنىس پارلامېنتىنىڭ ھوقۇقىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1680287
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇنىس ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇنىستا پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «تۇنىستا خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنتنىڭ پائالىيىتىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتىمىز. تۇنىس ئاساسىي قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى رامكىسىدا دېموكراتىك قانۇنىي سالاھىيەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن تەسىس قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

تۈنۈگۈن (2021-يىلى 25-ئىيۇل) تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى «30 كۈن» توڭلاتقانلىقىنى، پارلامنېت ئەزالىرىنىڭمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

تۇنىس پىرېزىدېنتى قايىس سەئىد باش مىنىستىر ھىشام ئەلمېشىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ۋە ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان باش مىنىستىر بىلەن ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى، چىرىكلىك دېلولىرىنى پاش قىلىش مەقسىتىدە باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر