تۈركىيە ۋاكسىنا ئەملەشتە دۇنيا بويىچە توققۇزىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن توققۇزىنچى دۆلەت بولدى

1674099
تۈركىيە ۋاكسىنا ئەملەشتە دۇنيا بويىچە توققۇزىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەدە بۈگۈنگىچە 58 مىليون 285 مىڭ 510 قۇتا ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي ۋاكسىنا سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە توققۇزىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى؛ ھەر يۈز كىشىگە توغرا كېلىدىغان ۋاكسىنا نىسبىتى %68.95 بولدى.

37 مىليون 854 مىڭ 53 كىشىگە تۇنجى قۇتا، 17 مىليون 405 مىڭ 760 كىشىگە ھەر ئىككى قۇتا ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر