ئەردوغان: خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇقرالارنىڭ ھەر ساھەدىكى تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1671802
ئەردوغان: خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى قۇرۇلۇشى پۈتكەن ئۆي-مۈلۈكلەرنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

شەھەر نوپۇسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىشىنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن تۈركىيەدىمۇ تېز ۋە كەڭ كۆلەمدە ئۆي – مۈلۈك سېلىش تەلىپىنى تەخىرسىز ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «...2003-2019-يىللىرى ئارىلىقىدا بىر مىليون 173 مىڭ بىنادا 11 مىليون 320 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىندى. بۇ كارتىنا، يېقىنقى 19 يىلنىڭ تۈركىيەنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئەردوغان، دەۋرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىش چۈشەنچىسى بىلەن پۇقرالارنىڭ ھەر ساھەدىكى تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «نۆۋەتتە خەلقىمىز گورىزونتال شەھەرلىشىشنى، قىممەت يارىتىدىغان، مەدەنىيىتىمىزنى گۈللىتىدىغان، مۇھىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان شەھەرلەرنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ. ئۇلار ئوچۇق – ئاشكارا شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى، شەھەرنى شەھەر باشلىقى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇشنى خالايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر