چاۋۇشئوغلۇ فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، لىتۋانىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ فىنلاندىيەگە يېتىپ باردى.
1672197
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىنلاندىيە پايتەختى ھېلسىنكىدا مەنسەپدېشى پېككا ھائاۋېستو بىلەن كۆرۈشتى، ئارقىدىن ھېلسىنكىدىكى تۈركلەر بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.
ئۇ يەنە فىنلاندىيە ئىسلام جامائىتى باشلىقى گۆلتەن بەدرەتتىن بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇردى.