تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا «ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىسى» دەپ باھا بەردى.

1669036
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2021 - يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىدا تۈركىيەنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغاندىن كېيىن، «شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىشەنچلىكلىكى گۇمانلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدىكى دەۋالارغا ئورۇن بېرىلىپ، ئاساسسىز مۆلچەرلەرنى تايانچ قىلغان ھالدا، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقىغا كۈلەڭگە چۈشۈرىدىغان تۆھمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى (تۈركىيەنى) ئەپسۇسلاندۇردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش يولىدا ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەنلىكى ۋە «ئەركىن شەخس، كۈچلۈك جەمئىيەت، تېخىمۇ دېموكراتىك تۈركىيە» تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن تەييارلىنىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى»نىڭ تۈركىيەنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى پائال كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ روشەن ناماياندىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.  

«بىز بالىلارنىڭ قوراللاندۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز» دېيىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قارارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەرگە تەرەپ ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى «خاتىرىسىنىڭ پاك - پاكىز» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە بالىلارنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرغان پ ك ك- پ ي د- ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال ياردىمى قىلىپ ئوچۇق – ئاشكارا قوللاۋاتقان ئامېرىكانىڭ، تۈركىيەگە بۇنداق تۆھمەتلەرنى قىلىشىنىڭ قوش ئۆلچەم ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاتالمىش ​«سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى»نىڭ سۈرىيەدە بالىلارنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرش، تۇتقۇن قىلىش، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش، مەكتەپلەرنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش قاتارلىق نۇرغۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلارنى - ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى، بۇنىڭ ب د ت بالىلار ۋە قوراللىق توقۇنۇش ئالاھىدە ۋەكىلى ۋىرگىنىيە گامبانىڭ 2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى دوكلاتىدا جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، دوكلاتتا بۇ تەشكىلاتنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقىنىڭمۇ ئالاھىدە ھەيران قالارلىق ئىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا: «ئامېرىكا سۈرىيەدە ھەمكارلىشىۋاتقان، مەشىق قىلدۇرغان ۋە قورال ياردىمى قىلغان، يالغۇز سۈرىيەدىلا ئەمەس، ئىراقنىڭ ماھمۇر ۋە سىنجار قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىدا بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ قوراللاندۇرغان بۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى سادىر قىلغان ئېغىر جىنايەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، رايونغا ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىلەردە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان ئىتتىپاقدىشى تۈركىيەگە بۇنداق بىمەنە تۆھمەتلەرنى قىلىشى ئېغىر زىددىيەتلىك مەسىلە بولۇپ، قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئۆزى قول قويغان ئەھدىنامىلەرگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر