ئىيۇن ئېيىدا 98 پ ك ك لىق تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيەنىڭ ھۇزۇرى ۋە ئامانلىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن پۇقرالار، بالىلار ۋە بوۋاقلارنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قارشى ئىيۇن ئېيىدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 98 تېررورچى بىر تەرەپ قىل
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ، دۆلەتنىڭ ھۇزۇرى ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تېررورچىلىرىغا قاراتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى، ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭمۇ ياردىمى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.
كېچە – كۈندۈز، بوران - چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر دېمەستىن شەھەر مەركەزلىرى ۋە يېزا – قىشلاقلاردىن سىرت يەنە، دۆلەت سىرتىدىمۇ تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئىيۇن ئېيىدىمۇ ئېغىر زەربە بەردى.
ئىيۇن ئېيىدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 98 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ يىل قايىل قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرىنىڭ سانى 30 – ئىيۇن ئېتىبارى بىلەن 94 كە يەتتى.