قاتناش مىنىستىرى كارائىسمائىلئوغلۇ قازاقىستان ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ئابزال سەپەربەقۇلى بىلەن ھۇزۇرىدا كۆرۈشتى.

1668002
قاتناش مىنىستىرى كارائىسمائىلئوغلۇ قازاقىستان ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ئابزال سەپەربەقۇلى بىلەن ھۇزۇرىدا كۆرۈشتى.

مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا، كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاشيول تىرانسىپورتىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىر كارائىسمائىلئوغلۇ سۆزىدە، تۈركىيەدە ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «باكۇ-تىبلىس-كارس مىنىستىرلار يىغىنى» غا، قازاقىستان سانائەت ۋە ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھە تەرەققىيات مىنىستىرى بەئىبۇت ئاتامقۇلوۋنى تەكلىپ قىلدى.

كارائىسمائىلئوغلۇ يۈز تۇرانە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مەسىلىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «4 مىڭ دانە بىر قېتىملىق ئۆتۈش كېنىشكىسى تۈركىيەنىڭ نۇرسۇلتاندىكى ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ قاراردىن مەمنۇنمىز، ئەمما قوشۇمچە ئۆتۈش كېنىشكىسىگە يەنە ئېھتىياجىمىز بولىدۇ» دېدى.

قازاقىستان باش ئەلچىسى سەپەربەقۇلى مىنىستىر ئاتامقۇلوۋنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتامقۇلوۋنىڭ مىنىستىر كارائىسمائىلئوغلۇنى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر