كۈندىلىك نورمال ھاياتقا قايتىشتا يېڭى باسقۇچ باشلاندى

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى بۈگۈن ئېتىبارى بىلەن ئاخىرلاشتى.

1667820
كۈندىلىك نورمال ھاياتقا قايتىشتا يېڭى باسقۇچ باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەرلەر ئارا ساياھەت چەكلىمىلىرىمۇ بىكار قىلىندى. بارلىق ئىش ئورۇنلىرى، تازىلىق، ماسكا ۋە ئارىلىق قالدۇرۇش پىرىنسىپلىرىدىن سىرت يەنە، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقۇمنى باشقۇرۇش ۋە خىزمەت قوللانمىسىدىكى بارلىق تەدبىرلەر ۋە پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىش شەرتى ئاستىدا، بۈگۈندىن ئېتىبارەن تەكرار پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

ئۈستەل ياكى ئورۇندۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قالدۇرۇش بەلگىمىلىسىگە رىئايە قىلىش شەرتى ئاستىدا، رېستورانلار – ئاشخانىلارنىڭ ئۈستى ئوچۇق ياكى ئۈستى يېپىق يەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا بولىدىغان كىشى سانىغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.

نىكاھ ۋە توي مۇراسىملىرىدا،  يېمەك – ئىچمەك ئىكرام قىلىشقا بولىدۇ. نەق مەيدان مۇزىكا ئىجراسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇزىكا ئاڭلىتىش سائەت 24.00 كىچە داۋاملىشىدۇ.

شەھەر ئىچى ۋە شەھەرلەر ئارا بارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا قويۇلغان ئادەم سانى چەكلىمىسى بىكار قىلىندى.

دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئورۇنلىرىدا نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەتىگەن سائەت 10 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كىچە ئىشلەش بەلگىلىمىسىمۇ ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر