تۈركىيەدە بۈگۈن 53 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن 53 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1666986
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭ بىلەن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 49 مىڭ 687 گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 229 مىڭ 846 كىشىنىڭ 510 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 5 مىڭ 846 گە يەتتى.
سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 6 مىڭ 536 ئادەمنى قوشقاندا، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى بەش مىليون 287 مىڭ 94 كە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.