ئەردوغان ئىستانبۇل قانىلى لايىھەسى دائىرىسىدە سازلىدەرە كۆۋرۈكىگە ئۇل سالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى بىر بەت ئاچقانلىقىنى ۋە ئىستانبۇل قانىلى لايىھەسى دائىرىسىدە سازلىدەرە كۆۋرۈكىگە ئۇل سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1665364
ئەردوغان ئىستانبۇل قانىلى لايىھەسى دائىرىسىدە سازلىدەرە كۆۋرۈكىگە ئۇل سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى يازمىسىدا، دۆلەت ۋە خەلققە ئەسەر قالدۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2011-يىلى 27-ئاپرېلدا ئىستانبۇل قانىلى لايىھەسىنىڭ ئامما بىلەن ئورتاقلىشىلغانلىقى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان: «11 ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتتىن 51 ئالىم بولۇپ، جەمئىي 204 كەسپىي مۇتەخەسسىس ۋەزىپە ئالدى. مودېل تەتقىقاتىغا 35 ئوخشىمىغان دۆلەتتىن كەلگەن 3500 تەتقىقاتچى قاتناشتى. 304 ئوخشىمىغان جايدا 17 مىڭ مېتىردىن ئارتۇق بۇرغىلاش، 248 گېئوفىزىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، 5 خىل تاللاشنىڭ ئىچىدىن ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك لىنىيە بېكىتىلدى» دېدى.

ئەردوغان ئۇزۇنلۇقى 45 كىلومېتىر، كەڭلىكى 275 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 20.75 مېتىر كېلىدىغان ئىستانبۇل قانىلىغا 6 كۆۋرۈك سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئىستانبۇل قانىلى سازلىدەرە كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇنلۇقىنىڭ 440 مېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1618 مېتىر، سۇپىسىنىڭ كەڭلىكىنىڭ 46 مېتىر كېلىدىغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، ئېگىزلىكى 196 مېتىر كېلىدىغان مۇنارلارنىڭ «ئالماس گېئومېتىرىيە» بىلەن لايىھەلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باشاقشەھەر-باھچەشەھەر-خادىمكۆي بۆلىكىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ 32 مىڭ 126 توننا ئازىيىدىغانلىقىنى ۋە ۋاقىتتىن 641 مىليون 700 مىڭ لىرا ، يېقىلغۇدىن 75 مىليون 500 مىڭ لىرا بولۇپ، ھەر يىلى جەمئىي 717 مىليون 200 مىڭ لىرا تېجەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر