گېرمانىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

گېرمانىيەنىڭ ۋۇرزبۇرگ شەھىرىدە بىر پىچاقلىق كىشى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى.

1665120
گېرمانىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ ۋۇرزبۇرگ شەھىرىدە بىر پىچاقلىق كىشى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، ئالتە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ساقچىلارنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ۋۇرزبۇرگ شەھىرىنىڭ بارباروسسا مەيدانىدا پىچاقلىق بىر ھۇجۇمچى يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، ئالتە ئادەمنى يارىلاندۇرغان.

ساقچىلار، ئېتىپ يارىلاندۇرۇش ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەن 24 ياشلىق ھۇجۇمچىنىڭ سومالىلىق ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمچىنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر