ئەردوغان: ماڭقۇرتلاردىن قانچىلىك قۇتۇلالىساق، كەلگۈسىگە شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن نەزەر سالالايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «جۇغراپىيەمىزنى ماڭقۇرتلاردىن قانچىلىك قۇتۇلدۇرالىساق، كەلگۈسىگە شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن نەزەر سالالايمىز» دېدى.

1655624
ئەردوغان: ماڭقۇرتلاردىن قانچىلىك قۇتۇلالىساق، كەلگۈسىگە شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن نەزەر سالالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ بەشتەپە خەلق قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4- قېتىملىق چىڭگىز ئايتماتوف خەلقئارا ئىسسىق كۆل مۇنبىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىش پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

ئەردوغان يىغىندىكى سۆزىدە، يىلتىزى ناھايىتى قەدىمكى چاغلارغا تۇتىشىدىغان قىرغىزلارنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا قوشقان تەڭداشسىز ئىككى ئۆزگىچە گۆھىرى بارلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن تېكىستى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ماناس داستانى ۋە داستاننىڭ قەھرىمانى ماناستۇر. ئىككىنچى گۆھەر بولسا، چىڭگىز ئايتماتوفتۇر. مەرھۇم ئايتماتوف ئەسەرلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يازغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى ئالغان بولسا، قىلغان باشقا خىزمەتلىرى ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ زامانىمىزدىكى مىللىي قەھرىمانىغا ئايلاندى. ئايتماتوفنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورتاق بايلىقى دەپ قارايمىز» دېدى.

كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە پىكىر، ئەدەبىيات ۋە دىپلوماتىيە ئەربابى بولغان ئايتماتوفنىڭ ھەم دۇنيا ئەدەبىياتى ھەمدە سىياسىي تارىخقا قوشقان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇقۇملىرىنىڭ بىرىنىڭ «ماڭقۇرتلۇق» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىنساننىڭ ئۆزى، ئائىلىسى، جەمئىيىتى، مىللىتى، تارىخى، مەدەنىيىتى، قىسقىسى ئىلگىرى ئىگە ۋە مەنسۇپ بولغان بارلىق نەرسىلەردىن ياتلىشىشى، ھەتتا ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىشى دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان <ماڭقۇرت>، ئەسلىدە قۇللۇق دېمەكتۇر. بىز ئۇنىڭ <ئەسىرگە تەڭداش بىر كۈن> ناملىق رومانىدا ئىشلەتكەن <ماڭقۇرت> ئۇقۇمىنى ۋە بۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بايان قىلغان ۋەقەنى بىزمۇ ھەر قېتىم ئۇنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىگەن ھالدا ئىشلىتىپ كەلمەكتىمىز. جۇغراپىيەمىزنى ماڭقۇرتلاردىن قانچىلىك قۇتۇلدۇرالىساق، كەلگۈسىگە شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن نەزەر سالالايدىغانلىمىزغا ، نىشانلىرىمىزغا تېزلا يېقىنلىشالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر