بىتلىستا «كۈلرەڭ تىزىملىك» تىكى بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

بىتلىستا بىر تەرەپ قىلىنغان 3 تېررورچىدىن بىرىنىڭ «كۈلرەڭ تىزىملىك كاتېگورىيەسىدىكى تېررورچىلار» دائىرىسىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان «ئەرىش گارزان» تەخەللۇسلۇق ھېكمەت گەزىجى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1651647
بىتلىستا «كۈلرەڭ تىزىملىك» تىكى بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەرەن – 11» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، بىتلىس – تاتۋان يېزىسىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورچىلارغا قارشى، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئالاھىدە قىسىملار ۋە ئالاھىدە ئەترەتلەر تەرىپىدىن ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان 3 تېررورچىدىن بىرىنىڭ، «كۈلرەڭ تىزىملىك كاتېگورىيەسىدىكى تېررورچىلار» دائىرىسىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش گارزان ئۆلكىسى تاتۋان – ھىزان ئىشلىرى مەسئۇلى «ئەرىش گارزان» تەخەللۇسلۇق ھېكمەت گەزىجى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر