چاۋۇشئوغلۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن ساغلام مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن خاتا سىياسەتلەردىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1650476
چاۋۇشئوغلۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان توگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئافرىقا ماسلىشىش ۋە چەت ئەللەردىكى توگولۇقلار مىنىستىرى روبېرت دۇسسېي بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «ئىسىرائىلىيەدە ھۆكۈمەت تەشكىللەش خىزمەتلىرى ۋە يېڭى تەشكىللىنىدىغان ھۆكۈمەتتىن كۈتىدىغانلىرى» توغرىسىدىكى سوئالغا: «ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئىشى، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىچكى ئىشىدۇر. ئىسىرائىلىيەدە ھۆكۈمەتنى كىمنىڭ تەشكىللەيدىغانلىقى ئەمەس، تەشكىللىنىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى مۇھىم. ئىسىرائىلىيەدە قانداق ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز بىلەن ساغلام مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن خاتا سىياسەتلەردىن ۋاز كېچىشى لازىم. ئىسىرائىلىيە پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى  ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا زىيان سالىدىغان قەدەملەردىن ۋاز كېچىپ، تىنچلىق مۇساپىسىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك. ئىسىرائىلىيە يېقىنقى ۋاقىتلاردا قانۇنسىز تۇرالغۇلار مەسىلىسىدە يەنە قەدەم تاشلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدۇق. ئىسىرائىلىيە بۇ سىياسەتلەردىن ۋاز كېچىشى ۋە قۇددۇسنىڭ سالاھىيتىگە زىيان سالىدىغان قەدەملەردىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە بىلەن ساغلام مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلىشى ئۈچۈن، بۇ سىياسەتلەردىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىسىرائىلىيە بۇ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، بىزنىڭ ساغلام مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئىسىرائىلىيە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ۋە تىنچلىق مۇساپىسىغا قايتىپ كەلسە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلسا، بىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھەممە دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر