«ئاۋسترىيە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرىنىڭ دەۋالىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋسترىيە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرى سۇساننې رائابنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدىكى دەۋالىرىنىڭ ھەقىقەتتىن يىراق ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1647799
«ئاۋسترىيە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرىنىڭ دەۋالىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، بۇ ھەقتىكى سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابتا، مۇنداق دېدى: «ئاۋسترىيە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرى سۇساننې رائابنىڭ، ئالدىنقى كۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، <سىياسىي ئىسلام ھۆججەت مەركىزى» تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ئاۋسترىيەدىكى بارلىق مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بىر خەرىتىنى تونۇشتۇرۇشى ۋە ۋېياننادىكى ئاشقۇنلۇقلارغا، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەقىقەتلەردىن يىراق بولۇپ، قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ، ئەسلىدە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىرقچىلىق ۋە ئىسلامغا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئاممىۋى ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە بىردەكلىكنى زەھەرلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترىيە، كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتلەردىن ۋاز كېچىشى ۋە مەسئۇلىيەتچان سىياسەت ئېڭىغا ئاساسەن سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر