ئەردوغان: پۈتكۈل دۇنيا تېررورچى دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيانىڭ تېررورچى دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1643220
ئەردوغان: پۈتكۈل دۇنيا تېررورچى دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىمالىي مارمارا دۆلەتلىك تاش يولى ھابىپلەر تۇتاشتۇتۇرۇش ئېغىزى – ھاسدال تۇتاشتۇرۇش ئېغىزى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان زۇلۇم – سىتەملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيا تېررورچى دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىشى كېرەك. دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك بىر تۈركىيە قەد كۆتۈرىدىغان كۈننى كۈتمەكتە. بولۇپمۇ ياشلىرىمىزغا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، ئەي ياشلار، سىلەر بۇ تېررورچى دۆلەت ئىسرائىلىيەنى ئوبدان بىلىشىڭلار ۋە چۈشىنىشىڭلار كېرەك. دۇنيانىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نۆۋەتتە كۈتۈۋاتقىنى، بۇ تېررورچى دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر