تۈركىيە كۆك بايراقلىق ساھىللىرى بىلەن دۇنيا بويىچە 3 – بولدى

تۈركىيە كۆك بايراقلىق 519 دېڭىز ساھىلى بىلەن دۇنيا بويىچە 3 – بولدى.

1642622
تۈركىيە كۆك بايراقلىق ساھىللىرى بىلەن دۇنيا بويىچە 3 – بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇھىت ئاسراش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق دېڭىزلارنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى ۋە ھەر يىلى  تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پاكىز دېڭىزلارنىڭ  نامايەندىسى  بولغان كۆك بايراقلىق دېڭىز ساھىللىرى سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ ھەقتە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن قۇرۇم، نۆل تاشلاندۇق كۆك بىلەن 85 مىڭ توننا دېڭىز ئەخلەتلىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى، تاشلاندۇقلارنى كۆزىتىش سىستېمىلىرى ئارقىلىق پاراخوتلارنىڭ 24/7 كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇلغىنىش ۋە قازالارغا 364 دېڭىز ساھلى مۇئەسسەسەسىدىن دەرھال مۇداخىلە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ خىزمەتلىرىمىزنىڭ مېۋە بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۈگۈن يەنە بىر قېتىم پەخىرلەندۇق. ئېلىمىز 2021-يىلى، 519 كۆك بايراقلىق ساھىلى بىلەن دۇنيا بويىچە 3 - بولدى. 2023-يىللىق نىشانىمىز بولسا،  دۇنيا بويىچە 3 – بولۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر