تۈركىيە فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسى سېتىۋالدى

تۈركىيە ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىيونتېك شىركىتى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىدىن جەمئىي 90 مىليون شىشە سېتىۋالدى.

1642692
تۈركىيە فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسى سېتىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسى سېتىۋالغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

فايزېر بىلەن بىيونتېكنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە قوشۇمچە ھالدا 30 مىليون دانە ۋاكسىنا سېتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە جەمئىي سېتىپ بېرىلىدىغان ۋاكسىنا سانىنىڭ 90 مىليون بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، جەمئىي 120 مىليون ۋاكسىنانىڭ 2021-يىلىنىڭ ئىچىدە تارقىتىشنىڭ پىلان قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا بىيونتېك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىننىڭ قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ۋابانى يوقىتىش، دوختۇرخانىدا داۋالىنىشنى ئازايتىش ۋە نورمال ھاياتقا قايتىشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىمىز. تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش تىرىشچانلىقلىرىغا ھەسسە قوشالىغانلىقىمىز ۋە خەلقنىڭ بىزگە ئىشەنگەنلىكىدىن ئۆزىمىزنى خۇشال ھېس قىلىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر