تۈركىيەدە 2020-يىلدا 1 مىليون 112 مىڭ 859 بوۋاق تۇغۇلدى
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈركىيەنىڭ 2020-يىللىق تۇغۇت ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.
1641395
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈركىيەدە 2020-يىلى 1مىليون 112 مىڭ 859 بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بوۋاقلارنىڭ %51.3 ى ئوغۇل، %48.7 ى قىز بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇت سۈرئىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇت نىسبىتىدىن يۇقىرى ئىكەن.
تۇغۇت تەرتىپى تەكشۈرۈلگەندە، 2020-يىلدا تۇغۇتلارنىڭ %36.9 نىڭ بىرىنچى تۇغۇت، %31.7 نىڭ ئىككىنچى، %17.9 نىڭ ئۈچىنچى، %12.6 نىڭ تۆتىنچى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تۇغۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.