ئاقار: تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1636452
ئاقار: تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەمراھلىقىدىكى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، باش ئىشتاب 2 - باشلىقى گېنېرال سەلچۇق بايراقتارئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئاقار، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ بارلىق قوشنىلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا غەيرەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوستقا ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق بېغىشلىماقتا، بەزىلەرنى بولسا قورقۇتماقتا ۋە شۇم نىيەتلىرىدىن ياندۇرماقتا. مىسىر خەلقى بىلەن دوستلۇقىمىز، قېرىنداشلىقىمىز، ئورتاق قىممەتلىرىمىز ۋە پائالىيەتلىرىمىز باردۇر. بىرقاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى، مۇناسىۋەتلىرىمىزدە بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئەھۋالنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوڭشىلىدىغانلىقىغا ۋە مىسىر بولغان بولغان قېرىنداشلىقىمىزنىڭ، دوستلۇقىمىزنىڭ قايتىدىن يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەلەرگە يېتىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىمدىن ئىشىنىمەن. بۇنىڭ تۈركىيە، لىۋىيە ۋە مىسىر ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پايدىلىق ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر