شىمالىي ئىراقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 70 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانى 70 كە يەتتى.

1635046
شىمالىي ئىراقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 70 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «تېررورچىلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دېگەن بايانات ئېلان قىلىپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئورنى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  ئەزاسى يەنە ئىككى تېررورچىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، شىمالىي ئىراقتىكى بۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان جەمئىي تېررورچى سانىنىڭ 70 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىن كېلىپ تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلاردىكى ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە 23 – ئاپرېل باشلىغان «پەنچە – چاقماق» ۋە «پەنچە – گۈلدۈرماما» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۇتۇقلۇق داۋام قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئىچىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ئاغرى، ئىغدىر، قارس ۋە ئارداھاندا 2165 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «ئەرەن -16 ئاغرى تېغى – چەمچە مادۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر