نۇمان قۇرتۇلمۇش: «بايدىن ئەپەندى ئامېرىكىنى ئەرمېنىيە لوبىسىغا گۆرۈگە تۇتۇپ بەردى»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىغا قارىتا، «بايدىن ئەپەندى ئامېرىكىنى ئەرمېنىيە لوبىسىغا گۆرۈگە تۇتۇپ بەردى» دېدى.

1634418
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «بايدىن ئەپەندى ئامېرىكىنى ئەرمېنىيە لوبىسىغا گۆرۈگە تۇتۇپ بەردى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش مەرھۇم ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ھەيدەر ئەلىيېۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 98 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى شۇنداقلا يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان تور يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشىنىڭ قاراباغدىكى مۇجادىلە جەريانىدا ئىشلەتكەن ئۆكتىچى سۆزلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «(بايدىن) مەيلى نېمە دېيىشىدىن ۋە مەيلى قانداق تىل ئىشلىتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىشى ياكى تارىخى پاكىتلارنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز ئوچۇق قىلىپ ئېيتىپ قويىمىزكى، بايدىن ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاساسسىزدۇر. ھەقىقەتەن سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئېيتىلغان ۋە ئەمەنىي لوبىلىرىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن تىلغا ئالغان سۆزلەردۇر. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتىپ قويايكى، بايدىن ئەپەندى ئامېرىكىنى ئەرمېنىيە لوبىسىغا گۆرۈگە تۇتۇپ بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر