ئۆمەر چەلىك: بايدىننى ئەرمەن رادىكاللىرى ئەسىر ئېلىۋالدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك  ئامېرىكادا ھەم دېموكراتچىلار، ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى سىياسەتنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پىرېزىدېنت تەرىپىدىن ۋاز كېچىلىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1629732
ئۆمەر چەلىك: بايدىننى ئەرمەن رادىكاللىرى ئەسىر ئېلىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىنىڭ ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنىڭ مىللىتىمىز، دۆلىتىمىز ۋە تارىخىمىز ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز. بۇنى ئىشلەتكەنلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ بىز دائىم لەنەت ئوقۇيدىغان بىر پوزىتسىيەدۇر. مەسئۇلىيەتسىز، ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى ۋە تارىخىي ئاساسى بولمىغان  پوزىتسىيەدۇر» دېدى.

ئۆمەر چەلىك تۈنۈگۈن (2021-يىلى 27-ئاپرېل) پارتىيە مەركىزىدە جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزى قارار ۋە ئىجرائىيە كېڭىشى يىغىنى جاريانىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۆمەر چەلىك 1915-يىل ۋەقەلىرىگە قارىتا ئامېرىكادا ھەم دېموكراتچىلار، ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى سىياسەتتىن تۇنجى قېتىم بىر پىرېزىدېنتنىڭ ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەم تارىخىي سانلىق مەلۇمات جەھەتتىن، ھەم قانۇن جەھەتتىن ھېچقانداق ئاساسى ياكى ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن ئۆمەر چەلىك، بۇ سىياسەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي دىئاسپورادىكى ئەرمەن رادىكال گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر چەلىك بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ سىياسىتىنىمۇ ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنىمۇ ئەسىر ئېلىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  تۇنجى قېتىم بىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۇنداق رادىكال گۇرۇپپىغا تەسلىم بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

سىياسەت ۋە دىپلوماتىيەنىڭ تارىخنى سوتلايدىغان ساھە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئۆمەر چەلىك: «تارىخنى يۈككە ئايلاندۇرۇش ھېچقانداق تىرىشچانلىق ۋە ھېچقانداق غەيرەت تەلەپ قىلمايدىغان پەۋقۇلئاددە ئاددىي ئىش. بۇ يەردە ئەپسۇسكى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۆرۈپ تاشلىغان ئىنتايىن تار بىر نۇقتىئىينەزەرگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرمەكتىمىز» دېدى.

ئۆمەر چەلىك تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە سەزگۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە 1948 – يىلى ماقۇللانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىغا 1950 – يىلى قاتناشقانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ ئەھدىنامىنىڭ 1915 – يىلى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېيىشكە بولغۇدەك ھېچقانداق ۋەقە ياكى نەتىجىنىڭ يوقلۇقىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر