تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشى سانى 20 مىليونغا يەتتى
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا ئەملەنگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا سانى 20 مىليوندىن ئاشتى.
1623896
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا ئەملەنگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا سانى 20 مىليوندىن ئاشتى.
سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «https://covid19asi.saglik.gov.tr» ئادرېسىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى قېتىملىق ۋاكسىنانى ئەملەتكەن كىشى سانى 12 مىليون 208 مىڭ 242 بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنانى ئەملەتكەن كىشى سانى بولسا 7 مىليون 793 مىڭ 889 غا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشىلەر سانى 20 مىليون 2 مىڭ 131 گە يەتكەن.
بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا سانى، ئىستانبۇلدا 3 مىليون 175 مىڭ 5، ئەنقەرەدە 1 مىليون 599 مىڭ 907، ئىزمىردە 1 مىليون 355 مىڭ 164 بولغان.