تۈركىيەدە بۈگۈن 276يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن276كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1616836
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن276كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى32مىڭ 943كە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 302مىڭ.108كىشىنىڭ 2مىڭ203نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى54مىڭ740كە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان35مىڭ503كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى3مىليون 194مىڭ978گە يەتتى.