ئىلھام ئەلىيېۋ سەلچۇق بايراقتارغا «قاراباغ مېدالى» تەقدىم قىلدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بايراقتار شىركىتى مۇدىرى سەلچۇق بايراقتارغا «قاراباغ مېدالى» تەقدىم قىلدى.
1613006
![ئىلھام ئەلىيېۋ سەلچۇق بايراقتارغا «قاراباغ مېدالى» تەقدىم قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/60c7/5188/b29b/6065b2c155619.jpg?time=1718777997)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، پايتەخت باكۇدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان سەلچۇق بايراقتار بىلەن ھەربىي ئېلېكترون سانائىتى شىركىتى — ئاسەلساننىڭ ئىدارە ھەيئىتى باشلىقى ۋە باش مۇدىرى خالۇق گۆرگۈننى قوبۇل قىلدى.
ئۇچرىشىشتا، مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، قاراباغ ئۇرۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرىدا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان زېمىنى بولغان تاغلىق قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان ئەسكەر ۋە پۇقرالارغا بېرىش ئۈچۈن يولغا قويغان «قاراباغ مېدالى»نى سەلچۇق بايراقتارغا تەقدىم قىلدى.
بايراقتار شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تاغلىق قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
سەلچۇق بايراقتار ئۆزىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرىسىدا ئۇچرىشىش توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «دادام ئۆزدەمىر بايراقتار ۋە ئاكام خالۇق بايراقتار بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن <قاراباغ مېدالى> غا لايىق كۆرۈلگەنلىكىمىزدىن كۈچلۈك ئىپتىخارلاندۇق. بىر مىللەت، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق كېلەچىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718777997)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718777997)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.