يېڭى باش ئەلچى مەرجان ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاسان مۇرات مەرجان ۋەزىپىسىنى باشلاش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېتىپ باردى.

1601289
يېڭى باش ئەلچى مەرجان ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى مۇرات مەرجان دۇللېس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئەلچىخانا خادىملىرى، تۈركىيە – ئامېرىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر تۈركۈم تۈركىيە پۇقرالىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەرجان، يېقىندا چىقىرىلغان باش ئەلچىلەر قارارنامەسى ئارقىلىق ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر