چاۋۇشئوغلۇ: 15-مارتنى خەلقئارا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈنى ئېلان قىلدۇق
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 2019-يىلى 15-مارتتا يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچېرچ شەھىرىدە ئىككى مەسچىتكە قىلىنغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى.
1601444
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە، «كىرىستچېرچ شەھىرىدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىغا 2 يىل بولدى. بۇ ۋەھشىيلىكتە يوقىتىپ قويغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمەن. ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن 15 -مارتنى «خەلقئارا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈنى» ئېلان قىلدۇق. بىز بۇ كۈرەشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز » دېدى.
2019-يىلى 15-مارتتا كىرىستچېرچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد مەسچىتلىرىگە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا برېنتون تارانت ئسىملىك تېرورچى ئاپتوماتىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 51 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 49 كىشىنى يارىدار قىلغان ئىدى.