گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى
مۇغلادا گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 42 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1598994
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، بودرۇمنىڭ قاراجائادا ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 34 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مارمارىسنىڭ سەرچە قويۇ ساھىللىرىدىمۇ غەرب بولۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 8 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 42 كۆچمەن، تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.