چاۋۇشئوغلۇ ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى.

1599388
چاۋۇشئوغلۇ ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىدا قاتارنىڭ ئويناۋاتقان رولىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندا تىنچلىق مەنزىلگاھىغا ئېلىپ بارىدىغان يولدىمۇ قاتار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، كۈچلۈك ھەمكارلىق رايونلۇق تىنچلىققىمۇ ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا.»

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – رۇسىيە – قاتار 3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن قاتاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر