چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان زىيارەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان زىيارىتىنىڭ سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1598310
چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان زىيارەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكسىتان زىيارىتىدىن كېيىن TRT Haber قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئىككى دۆلەتتىكى ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا توختالدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ئىسلاھات قەدەملىرىنى تاشلىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ مۇتەخەسسىسلەرنى تەيىنلەش ئارقىلىق ئۆزبېكسىتان بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىممۇھەممەدوۋنىڭ تۈركىيەگە بەزى ئالاھىدە ئىلتىپاتلارنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركمەنىستاننىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى پۈتۈنلەي توختاتقان بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ تۈركمەنئاباد شەھىرىگە قاتناشنى باشلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى، يۇقۇم سەۋەبىدىن ھېچقانداق دۆلەتنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چېگراسىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان بولسىمۇ، تۈرك شوپۇرلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش شەرتى بىلەن چېگردىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنىڭ خۇشخەۋىرىنى بەردى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ يېقىندا ھاسىل قىلغان كاسپىي دېڭىزىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنى قېزىشتا ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە ئەنقەرەنىڭ بۇ  جەھەتتىكى مۇددىئاسىنى تەرەپلەرگە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر