چاۋۇشئوغلۇ قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتاردا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
1598297
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ، قاتاردا 2 كۈن خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى، بۇ دائىرىدە ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي باسقۇچنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.