ھۇلۇسى ئاكار رۇمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان رۇمېنىيەدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكولاي يۇنېل چىيۇكا (Nicolae Ionel Ciuca) بىلەن كۆرۈشتى.

1598074
ھۇلۇسى ئاكار رۇمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
Nicolae Ionel Ciuca-Hulusi Akar1.jpg
Nicolae Ionel Ciuca-Hulusi Akar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكولاي يۇنېل چىيۇكا تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنى ھەربىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. ئىككى مىنىستىر مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشتى، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرۈشۈشلەردە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بىلەن مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار كۆرسىتىلگەن مېھماندوستلۇق ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، رۇمېنىيەنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن قېتىم ناتو كۈنلۈكى ئاستىدا بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھەربىي تەلىم-تەربىيە ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ساھەلىرىدە بېسىلىدىغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، قارا دېڭىزنىڭ تىنچلىق دېڭىزى بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رۇمېنىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىمۇ زىيارەت قىلدى ۋە ئەلچىخانىنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە، تۈركىيە بىلەن رۇمېنىيەنىڭ رايونلۇق ھەمدە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ بېغىشلىما يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر