چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىكىگە ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە قوراللاندۇرۇش جەھەتتە قىلىۋاتقان ياردەملىرى بىلەن، ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىكىگە ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1592914
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىكىگە ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھانىف ئاتمارنىڭ ساھىبخانلىقىدا پايتەخت كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە، ۋىدېئو ئارقىلىق قاتناشتى.

ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورتاق تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئەتراپىدا شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خەلقلىرىمىز ئەڭ قىيىن كۈنلەردىمۇ بىر-بىرىنى قوللىغان. ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىللىرىدە، ئافغانىستاننىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نى ئېتىراپ قىلىشى خەلقىمىزگە كۈچ بېغىشلىغان.

تۈركىيە بولسا، كابۇلدا ئەلچىخانا ئاچقان بىرىنچى دۆلەت بولغان. ياش تۈركىيە بىر تەرەپتىن، ئۆز تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستاننىڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، ئۆزىگە تايىنىپ قەد كۆتۈرۈشىگە ياردەم قىلغان» دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ۋە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردا يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە بىلەن ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوللىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئافغانىستانغا قاراتقان تەرەققىيات ياردەملىرىمىز، دۆلىتىمىز ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئەڭ چوڭ ياردەم پىروگراممىلىرىنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تەلىم-تەربىيە، سەھىيە، ئۇل-ئەسلىھە قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەردە تەخمىنەن 1300 لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئافغانىستاندا 100 دىن ئارتۇق مەكتەپكە قىلغان ياردەملىرىمىز ۋە 4 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىغا بەرگەن ئوقۇش مۇكاپاتلىرىمىز بىلەن، ئافغانىستاننىڭ كېلەچىكىگە ھەسسە قوشۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋابا مەزگىلىدىمۇ ئافغانىستاننى يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى تەلىم-تەربىيە ۋە قوراللاندۇرۇش جەھەتتە قىلغان ياردەملىرىمىز بىلەن، ناتو قىسمى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىمىز ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز خالىغان مۇددەتكىچە ئۇ دۆلەتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئافغانىستانلىقلار ئارا مۇزاكىرەلەرنىمۇ تىنچلىق ئۈچۈن پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلار ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر