ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرىۋاتقان ۋە زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان ئافرىندا، ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
1589665
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاسالانغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا يارىلانغان. پارتلاش ئەتراپقا ئېغىز زىيان يەتكۈزگەن. يارىدارلار رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان.
ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.