«‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەدە «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1586602
«‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھۇزۇر ۋە ئامانلىق مۇھىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن ‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر